بەختسىز سەئىدىيە
بۇ كىتابتا ئۇيغۇرلانىڭ مەدەنيتىنى نەچچە يۈزيىللىق ئارقىغا كەتكۈزىۋەتكەن ئاپاق خۇجىنىڭ ، يەكەندە 164 يىل ھاكىمىيەت سۈرگەن، يەكەن سەئىدىيە خانداللىقىنى يوقۇتۇپ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيتىنى تىكلىگەنلىكى ، ۋە ئۆزىنىڭ بەش يىل ھاكىمىيەتتە ئولتۇرغاندا يۈز بەرگەن ئىشلار،يەنى ئاپاق خوجا ھاكىميەت يۈرگۈزگەن بۇ دەۋىردە ، ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ، ئون بىر قىتىم چوڭ قىرغىنچىلىق بولغانلىقى ، بىر يۈز سەكسەن مىڭ ئادەم قىرغىنچىلىقتا ئۆلگەنلىكى .ئاپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ ھامىيىسى بولغان جۇڭغار ئىشخالىيەتچىلىرىنىڭ قاتمۇقات زۇلۇملىرىغا قارشى ئىككى يۈز قېتىمدىن كۆپرەك خەلق ئىسىيانى كۆتۈرۈگەنلىكى .ئاپاق خوجىنىڭ مانا شۇنداق ئىسىيانچىلاردىن ۋە ئۇ يۈرگۈزگەن تەرىقەت زوراۋانلىقىغا قارشى چىققان تالىپلاردىن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتۇپ ، مىلادىيە 1679-يىلى جۇڭغارلارنىڭ كۈچى بىلەن ئىلىغا پالاپ ، غالچا يىگىت ، ۋە غالچا چوكان نامىدا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە قۇل قىلىپ بەرگەنلىكىدەك بىر قاتار تارىخى ۋەقەلەر سۆزلەنگەن بولۇپ،ئەگەر قىززىقسىڭىز دىققىتىڭىز يۇقارقى ئاۋازلىق ئەسەردە بولسۇن...
| Attachment | چوڭ- كىچىكلىكى |
|---|---|
| Bakhitsiz Saediya (16.97 MB) | 16.97 MB |
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
كىتابلار تەتقىقاتچىلارنىڭ تەلەپ - ئېھتىياجى بويىچە ئېلكىتاب شەكلىدە ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ.
ئىلتىماس قىلىڭ
ئۇلانمىلار
كۇتۇپخانىغا كىتاب ئىئانە قىلىڭ
تۈركىستانىي كۇتۇپخانىسى — ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ (بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ) تارىخى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە مەدەنىيەتلىرىگە ئائىت كىتاب ھەم مەنبەلەرنى تەتقىقاتچىلار، ئالىملار ۋە ئاكادېمىك خادىملارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇشنى مەقسەت قىلغان ئاممىۋى ئورگاندۇر. مەزكۇر تېمىلارغا ئائىت .كىتاب، تەتقىقات ئەسەرلىرى ياكى ژۇرناللارغا ئىگە بولغان ھەر قانداق كىشىنى بۇ ماتېرىياللارنى كۇتۇپخانىغا ئىئانە قىلىشقا تەكلىپ ۋە تەشەببۇس قىلىمىز. ھەر بىر ئىئانە قىلىنغان ئەسەر، كۇتۇپخانىدا ئالاھىدە ۋە كۆرۈنەرلىك بىر رامكىدا ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئىسمى بىلەن بىرگە ساقلىنىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزگە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلسۇن ۋە توغرا يولغا باشلىسۇن.
