سەئىدىيە خانلىقى
قىسقىچە مەزمۇنى: «ئىستىلاچى چىڭگىزخان ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى 1225-يىلى ئاستانە قارا قۇرۇمدا داغدۇغىلىق قۇرۇلتاي چاقىرىپ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭنى مىراس سۈپىتىدە بۆلۈپ بەردى، چاغاتاي ئىلىدىكى ئوردىسىدا سەلتەنەت تاجىنى كىيدى.چاغاتاي موڭغۇل خانلىقىدىكى ھۆكۈمالار ، دۆلەت خادىملىرى ۋە ئەسكەرلەر ئاساسەن موڭغۇللار بولۇپ، ئوردا قائىدىسى، تەشكىلى، ھەرخىل مۇراسىملىرى موڭغۇل ئەنئەنىسىگە سادىق ئىدى.تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋاپاتىدىن كېيىن ئەمىر تۆمۈر كوراگان تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئوغۇللىرى خىزىر خوجا بىلەن ئىلياس خوجىنى كۆزگە ئىلماي ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتتى، شۇ كۈندىن باشلاپ چاغاتاي خانلىقى پارچىلىنىشقا يۈز تۇتتى. ئىچكى ئىختىلاپ كۈچەيدى، خان، بەگزادىلەر ئوتتۇرىسىدا تەخت ھوقۇق، زېمىن ماجىراسى بېسىقمىدى، ئەلدە ئەنسىزلىك، ۋەيرانچىلىق ئەۋج ئالدى.بۇ سورۇقچىلىقتىن قەشقەردىكى زېمندار مىرزا ئابابەكرى پايدىلىنىشقا باشلاپ قەشقەر يەكەنلەردە نوپۇز تىكلەپ، ئۆز ئالدىغا قوشۇن قۇردى.ئەھمەدخان چاغاتاي خانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ جاپا چەكتى، لېكىن مۇرادىنى ھاسىل قىلالماي ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى، مەھمۇدخاننڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىككى ئوغلى مەنسۇرخان بىلەن سەئىدخانمۇ پېتىشمىدى، سەلتەنەت تالىشىپ ئۆز ئارا سوقۇشتى…
| Attachment | چوڭ- كىچىكلىكى |
|---|---|
| saidiye-xanliqi-1.pdf (9.82 MB) | 9.82 MB |
ئەسەر، نەشرىيات، ئاپتور ئىسمىنى بېسىپ ئىزدەڭ!
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
كىتابلار تەتقىقاتچىلارنىڭ تەلەپ - ئېھتىياجى بويىچە ئېلكىتاب شەكلىدە ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ.
ئىلتىماس قىلىڭ
ئۇلانمىلار
كۇتۇپخانىغا كىتاب ئىئانە قىلىڭ
تۈركىستانىي كۇتۇپخانىسى — ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ (بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ) تارىخى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە مەدەنىيەتلىرىگە ئائىت كىتاب ھەم مەنبەلەرنى تەتقىقاتچىلار، ئالىملار ۋە ئاكادېمىك خادىملارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇشنى مەقسەت قىلغان ئاممىۋى ئورگاندۇر. مەزكۇر تېمىلارغا ئائىت .كىتاب، تەتقىقات ئەسەرلىرى ياكى ژۇرناللارغا ئىگە بولغان ھەر قانداق كىشىنى بۇ ماتېرىياللارنى كۇتۇپخانىغا ئىئانە قىلىشقا تەكلىپ ۋە تەشەببۇس قىلىمىز. ھەر بىر ئىئانە قىلىنغان ئەسەر، كۇتۇپخانىدا ئالاھىدە ۋە كۆرۈنەرلىك بىر رامكىدا ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئىسمى بىلەن بىرگە ساقلىنىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزگە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلسۇن ۋە توغرا يولغا باشلىسۇن.
