ئورخۇن شەجەرىسى
ئىككى نۇسخا، بىر نۇسخىسى ئۈستىدىكى كۈتۈپخانا سول تەرەپ 1- جازا 3- قەۋەتتە قىسقىچە مەزمۇنى: دۇنيا تارىخىدا مەشھۇر بولغان قەدىمكى مىسىر ، يۇنان ، رىم ئىمپىرىيىسىدەك ئۆز زامانىسىنىڭ تەڭداشسىز قۇدىرەتلىك دۆلەتلەرمۇ كىيىنكى ۋاقىتلاردا تەدىرىجى زەئىپلىشىپ ئاخىر يىمىرىلىپ تۈگىگەن ئىدى . بۇنداق مىساللار تارىختا خېلى كۆپ . ئورخۇن خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشىمۇ شۇنداق مىساللارنىڭ بىرى . ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى بىرقىسىم قەدىمكى خانلىقلار يىمىرىلگەندىن كىيىن ئىز دىرەكسىز يوقىلىپ كەتتى . مەسىلەن ؛ قىتان ، ھون ، ئفتالىت ، جۇرجان ، سىيانپى ، پەچەنەك قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قەدىمقى تائپىلەرنىڭ ھازىر پەقەت تارىختىكى نامىلا قالدى . ئويغۇرلار بولسا بىر خانلىقى يىمىرىلسە ئۇنىڭدىنمۇ قۇدىرەتلىكرەك ، ئۇنىڭدىنمۇ مەدىنىيەتلىكرەك باشقا خانلىقلارنى قۇرۇپ ، تارىخنىڭ نى – نى دەھشەتلىك بوران چاپقۇنلىرىغا بەرداشلىق بىرىپ ، ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ھاياتى كۈچىنى نامايەن قىلىپ كەلمەكتە . بۇ نوقتىمۇ يەنە ئالاھىدە تەتقىق قىلىشقا تىگىشلىك . جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئويغۇرلارنى بۈگۈنكى دۇنيادا ئاسىيا ، ياۋرۇپا ۋە ئامرىكا قىتئەسىدىكى بىر قاتار ئالىملار ھەر تەرەپلەردىن تۇتۇپ تەتقىق قىلماقتا .
| Attachment | چوڭ- كىچىكلىكى |
|---|---|
| orhun-xajarisi.pdf (65.38 MB) | 65.38 MB |
ئەسەر، نەشرىيات، ئاپتور ئىسمىنى بېسىپ ئىزدەڭ!
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
كىتابلار تەتقىقاتچىلارنىڭ تەلەپ - ئېھتىياجى بويىچە ئېلكىتاب شەكلىدە ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ.
ئىلتىماس قىلىڭ
