تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە
ئورنى: ئۈستىدىكى كۈتۈپخانا سول تەرەپ 1- جازا 3- قەۋەت ،، ، قەشقەر تارىمنىڭ يۈرىكى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىمنىڭ غرىبلىقى، بېكىكلىكىدىن مۇستەسنا بولالمىدى. سەيياھلار كارۋانلىرى قەدىمىنىڭ يېتىشى بىلەن تارىختىكى سەلتەنىتىنى يوقاتقان، ئۇنتۇلغان «قەدىمىي ماكان» – قەدىمىي ماكان قەشقەرنى كىشىلەر قايتىدىن ئەسكە ئېلىشتى. ئاز بولمىغان سەيياھلار، تەۋەككۈلچىلەر، دىن تارقاتقۇچىلار، جاھانكەزدىلەر ۋە ھۆكۈمەت ئەلچىلىرى ئارقا – ئاقىدىن بۇ مۇقەددەس زېمىنغا قەدەم باستى. قەشقەر بەزىدە تەۋەككۈلچىلەرنىڭ تەلەي سىناش مەيدانى بولسا، بەزىدە «ئەجنەبىيلەرنىڭ شەرقتىكى جەننىتى» بولدى، يەنە بەزىدە رەقىبلەرنىڭ تىركىشىش سورۇنىغا ئايلاندى. ھەر خىل كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ئوخشاش بولمىغان ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. چەت ئەللىك سەيياھلار بۇ دىيارنى تەكشۈردى، تەتقىق قىلدى، شۇنداقلا قەشقەر ھەققىدە مۇھىم بولغان خاتىرىلەرنى يېزىپ قالدۇردى. سەيياھلارنىڭ قەشقەرگە كېلىشى ئەڭ دەسلەپتە ئىتالىيىلىك ساياھەتچى ماركوپولودىن باشلانغان بولسا، چوقان ۋەلىخانوف، كوروپاتكىن، روبىرت شاۋ، سۋېن ھېدىن، ماكارتىنىي، گۇننار يارىڭ، نوشېرۋان يائوشېف… قاتارلىقلارمۇ ئۆز مۇددى.اسى بويىچە قەشقەر سەپىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، قەشقەر تارىخى، سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ئەھۋالى ۋە ئاۋامنىڭ تۇرمۇشى … قاتارلىق جەھەتلەردىن خېلى ئەترااپلىق تونۇش – تەسىراتقا ئىگە بولغانىدى.
| Attachment | چوڭ- كىچىكلىكى |
|---|---|
| tarim-qowuqi-qekilgende.pdf (67.68 MB) | 67.68 MB |
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
كىتابلار تەتقىقاتچىلارنىڭ تەلەپ - ئېھتىياجى بويىچە ئېلكىتاب شەكلىدە ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ.
ئىلتىماس قىلىڭ
ئۇلانمىلار
كۇتۇپخانىغا كىتاب ئىئانە قىلىڭ
تۈركىستانىي كۇتۇپخانىسى — ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ (بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ) تارىخى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە مەدەنىيەتلىرىگە ئائىت كىتاب ھەم مەنبەلەرنى تەتقىقاتچىلار، ئالىملار ۋە ئاكادېمىك خادىملارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇشنى مەقسەت قىلغان ئاممىۋى ئورگاندۇر. مەزكۇر تېمىلارغا ئائىت .كىتاب، تەتقىقات ئەسەرلىرى ياكى ژۇرناللارغا ئىگە بولغان ھەر قانداق كىشىنى بۇ ماتېرىياللارنى كۇتۇپخانىغا ئىئانە قىلىشقا تەكلىپ ۋە تەشەببۇس قىلىمىز. ھەر بىر ئىئانە قىلىنغان ئەسەر، كۇتۇپخانىدا ئالاھىدە ۋە كۆرۈنەرلىك بىر رامكىدا ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئىسمى بىلەن بىرگە ساقلىنىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزگە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلسۇن ۋە توغرا يولغا باشلىسۇن.
