چالا تەككەن ئوق
بۇ ئەسەردە، «قانلىق 12- ئاپرېل ۋەقەسى» نىڭ سىرى بىر قەدەر روشەن ئېچىپ بېرىلگەن. كۈندىن- كۈنگە ئۇلغىيىپ بېرىۋاتقان قوزغىلاڭچى خەلق ئاممىسىنى بېسىقتۇرۇشتا ئىلاجىسىز قالغان شىڭشىسەت ھاكىمىيىتى « ئالتۇن كولاشقا ئەمگەك كۈچى قۇبۇل قىلىش» ھېلىسى بىلەن جەنۇبى شىنجاڭدىن 30 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان باللىرىنى قانلىق نەيزە ئاستىدا ھەيدەپ كەلگەن ئىدى. بۇ بەختسىزلەرنىڭ كۆپچىلىكى يوللاردا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ، كۈرمىڭلىغانلىرى ئالتاي تاغلىرىدا نابۇت بولۇپ كەتتى. بۇ ۋەقە شىنجاڭ تارىخىدا قانلىق «ئالتۇن يېغىلىقى» دەپ ئاتالغان ئىدى.
| Attachment | چوڭ- كىچىكلىكى |
|---|---|
| Qala-takkan-oq.pdf (1.03 MB) | 1.03 MB |
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
كىتابلار تەتقىقاتچىلارنىڭ تەلەپ - ئېھتىياجى بويىچە ئېلكىتاب شەكلىدە ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ.
ئىلتىماس قىلىڭ
ئۇلانمىلار
كۇتۇپخانىغا كىتاب ئىئانە قىلىڭ
تۈركىستانىي كۇتۇپخانىسى — ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ (بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ) تارىخى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە مەدەنىيەتلىرىگە ئائىت كىتاب ھەم مەنبەلەرنى تەتقىقاتچىلار، ئالىملار ۋە ئاكادېمىك خادىملارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇشنى مەقسەت قىلغان ئاممىۋى ئورگاندۇر. مەزكۇر تېمىلارغا ئائىت .كىتاب، تەتقىقات ئەسەرلىرى ياكى ژۇرناللارغا ئىگە بولغان ھەر قانداق كىشىنى بۇ ماتېرىياللارنى كۇتۇپخانىغا ئىئانە قىلىشقا تەكلىپ ۋە تەشەببۇس قىلىمىز. ھەر بىر ئىئانە قىلىنغان ئەسەر، كۇتۇپخانىدا ئالاھىدە ۋە كۆرۈنەرلىك بىر رامكىدا ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئىسمى بىلەن بىرگە ساقلىنىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزگە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلسۇن ۋە توغرا يولغا باشلىسۇن.
